پرېم دادىسىنىڭ دۇكىنىدا ۋاقتى ئۆتكەن ماگنىتلىق لېنتىنى ئويۇشنىلا بىلىدىغان ياۋاش ئادەم بولۇپ، كىچىكىدىن تارتىپلا دادىسىنىڭ ئۇرۇشىدىن قورقاتتى. دادىسى ئۇنى ساندىيا ئىسىملىك بىر قىز بىلەن كۆرۈشۈشكە ئاپارغان، ساندىيا بىر قەدەر سېمىز بولغاچقا، پرېم ئۇنى ياقتۇرمىغان، ئەمما دادىسىدىن قورقۇپ، توي قىلىشقا ماقۇل بولغان. تويدىن كېيىن، پرېم ساندىيە ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى كۆزگە ئىلمايدۇ. پرېم ئاغىنىسى نېيمارنىڭ تويىدا ئايالىنى مازاق قىلىپ، ئايالىنى ھاقارەتلەپ ئاجرىشىشقا مەجبۇر قىلغان. لېكىن سوت ئەر-خوتۇن ئالتە ئايدىن ئارتۇق تۇرمۇش كەچۈرگەندىن كېيىن ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان، ئۇلار يەنە بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. بىر قېتىم خوتۇن يۈدۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندا، ئەر ـ خوتۇن بىر ـ بىرىگە ياردەم بېرىشىپ، بىر ـ بىرىنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ قەلبى بىر ـ بىرىگە مەھكەم باغلاندى. فىلىم سەرخىل ئىشلەنگەن، فىلىمدە بوللىۋود كىنو ۋىۋىسكىسى بار ناخشا-ئۇسسۇل فىلىمى بولۇپ، ھىندىستاندا قويۇلۇپ خېلى كۆپ بېلەت كىرىمىگە ئېرىشكەن. رېژىسسور سالتا كاتارىيا (Sharat Katariya) ھىندىستانلىق ياش سېنارىست ۋە رېژىسسور بولۇپ، ئىنتايىن كۈچلۈك سەھنە ئەسىرى ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۇنىڭ دىراممىسىدىكى پېرسوناژلار ۋە ۋەقەلىكلەر ناھايىتى ياخشى ھۇزۇرلىنىش خاراكتېرىگە ئىگە.
[ بولدى ]