ئاپتوموبىل ساتقۇچى لى جېڭجۇ خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قىزىنىڭ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىگە كېتىۋاتقاندا، ئەمدىلا ئېچىلغان خېتۇ تونىلىدىن ئۆتكەندە، تۇيۇقسىز يەر-جاھان تەۋرەپ، ھاياتىدىكى ئەڭ يېتىم قالغان 35 كۈننى باشتىن كەچۈردى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ بىردىنبىر قىلالايدىغىنى 119 غا تېلېفون قىلىپ قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىش ئىدى. تونېلنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەنلىكى توغرىسىدىكى بۇ خەۋەر ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، قۇتقۇزۇش چوڭ ئەترىتىدىن باشقا يەنە زور بىر تۈركۈم ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە خىزمەت نەتىجىسىنى ئاشۇرىدىغان ئەمەلدارلارنى جەلپ قىلدى. قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ باشلىقى جىن داچىڭ قۇتقۇزۇش پىلانىنى تەتقىق قىلىپلا قالماي، يەنە نەق مەيداندىكى مۇخبىرلارنى كونترول قىلىپ، ئۆزىنى كۆرسىتىش ئەمەلدارلىرىغا دوكلات قىلىشى كېرەك، ناچار ھاۋا رايىنىڭ قالايمىقانچىلىقى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. مىڭ تەسلىكتە قېزىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزماقچى بولغاندا، تونېلنىڭ سۈپەتسىز قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى بايقىدى. بىر قاتار ئېغىر زەربىلەر ئۈمىدنى بىر-بىرلەپ يوققا چىقاردى، تېخىمۇ چاتاق بولغىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدە قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ باشلىقى تاسادىپىي قازا قىلدى، دۆلەت خەزىنىسىدىكى نۇرغۇن چىقىم جامائەت پىكرىنىڭ سوتلىشىغا تۈرتكە بولدى، لى جېڭجۇنىڭ ياردەمسىز قالغان خوتۇنى شىشيەن ( پېي دۇناشى ) قۇتقۇزۇشتىن ۋاز كېچىش ماقۇلنامىسىگە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ كۈنى گۈمۈرۈلۈپ چۈشكىنى تونېل بولۇپلا قالماي، ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدىكى ئوبراز سەتچىلىكىنى تېخىمۇ پارتلاتتى.
[ بولدى ]