راست-يالغان ئورانگۇتان | Hello Charlie

(2021)

فىلىم رىجىسورى :
ئاساسلىق رولچىلار :
فىلىم تۈرى :
دۆلەت تەۋەلىكى :
فىلىم تىلى :
ئۇيغۇرچە
قويۇلغان ۋاقتى :
2021 - يىلى (ھىندىستان)
دوۋبەن ID نومۇرى :
دوۋبەن نومۇرى تەمىنلەنمەپتۇ،ئىنگىلىزچە ئىسمى ئارقىلىق ئىزدەڭ ياكى بۇيەرنى بېسىڭ

Hello Charlie

باھا نومۇرى :
9.2
فىلىم تەپسىلاتى :
چارلى بولسا بىر پالاكەت يىگىت، ئۇ بومبايغا ئىشلەش ئۈچۈن كەلگەن، تاغىسى بىلەن بىللە تۇرىدۇ. پىسا قاتلىمىسى يەتكۈزگۈچى بولۇپ ئىشلەيدىغان ئۇ ھەربىر قەدەمدە دېگۈدەك بالا تېرىپلا يۈرىدۇ.ئۇنىڭغا نىسبەتەن پىسانى خاتا يەتكۈزۈپ قويۇش دېگەن ئادەتتىكى ئىش، ئۇ يەنە بىخەستەلىك قىلىپ ئىشلەۋاتقان ئاشخانىسىدا ئوت ئاپىتى پەيدا قىلىپ قويىدۇ، بۇنى ئاز دەپ ئوت ئۆچۈرۈشكە كېلىۋاتقان ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنسى بىلەن  تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەتچى ماكۋانانى تۇتقىلى ماڭغان ساقچى ماشىنىسىنىڭ سوقۇلۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەممە ئىشقا توسقۇنلۇق قىلىپ قويىدۇ.ماكۋانا بولسا  بىر سودا ماگناتى، ئەمما سودا ئالدامچىلىقى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان، ئۇ چەتئەلگە قېچىپ كېتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، لېكىن ئۇنىڭ سۈرىتى ھەممە يەردە تارقىلىپ يۈرگەن بولغاچقا، ئۇ نىقابلىنىپ قېچىشنى پىلانلايدۇ.مودېل قىز دوستى ماكۋاناغا ئورانگۇتان قىياپىتىگە كىرىۋىلىشقا مەسلىھەت بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىر ھەقىقىي ئورانگۇتان ئايروپىلان ۋەقەسىدە قەپىزىدىن قېچىپ كېتىپ، ھەممە يەردە كىشىلەرنى ساراسىمىگە سېلىپ يۈرەتتى.خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالغان چارلى يېڭى تىرىكچىلىك يولىنى ئىزدەپ يۈرگەن بولۇپ، ماكناۋانىڭ قىز دوستى ئۇنى ئورانگۇتان قىياپىتىگە كىرىۋالغان ماكۋانانى توشۇشقا ياللايدۇ. چارلى ئەلۋەتتە بۇنىڭ يالغان ئورانگۇتان ئىكەنلىكىنى بايقىيالمايدۇ، بۇ ھاماقەت يىگىت بىلەن ئورانگۇتان قىياپىتىگە كىرىۋالغان ھىيلىگەر سودىگەرنىڭ سەپىرىنىڭ بۆلەكچە قىزىقارلىق بولىدىغانلىقى باشلىنىشىدىنلا ئېنىق ئىدى.تېخى بۇلا ئەمەس، ماكناۋانى تۇتماقچى بولغان جىناي ئىشلار ساقچىلار بىلەن راست ئورانگۇتاننى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولغان يەرلىك ساقچىلىرى ئۇلارنىڭ پىيىگە چۈشۈۋالىدۇ.....پالاكەت يىگىت بىلەن چۇس «ئورانگۇتان»نىڭ سەپىرى زادى قانچىلىك خىرىسلارغا تولغان؟ ساقچىلار ئوڭۇشلۇق ھالدا راست-يالغان ئورانگۇتانلارنى تۇتالامدۇ؟ ئەگەر كىنونىڭ مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز، نۇر تورىدا ھەقسىز قويۇلۇۋاتقان كىنو «راست-يالغان ئورانگۇتان» دىققىتىڭىزدە بولسۇن! [ بولدى ]
ئاساسلىق ئارتىسلار :

ئەڭ ئالقىشلىق فىلىملەر

تېخىمۇ كۆپ
2011 كىنولار
تولۇق قىسمى
2022 كىنولار
تولۇق قىسمى
2022 كىنولار
تولۇق قىسمى
2021 كىنولار
تولۇق قىسمى
2023 كىنولار
تولۇق قىسمى
2023 كىنولار
تولۇق قىسمى
2023 كىنولار
تولۇق قىسمى
2019 كىنولار
تولۇق قىسمى

京ICP备2021033142号-1

SINQI.TOP © 2021. All rights reserved.

ئۈستىگە قايتىش
كۈندۈز
سۆز قالدۇرۇش
توپلام