ئەپ

كىرىش

  • دېرىك

    دېرىك (1974)

    ئىنگىلىزچە ئىسمى :

    Derrick

    9.9

    (ئاۋاتلىقى 459 ئادەم / قېتىم)

    فىلىم رىجىسورى :

    Alfred Weidenmann

    ئاساسلىق ئارتىسلار :

    Horst / Tappert /

    فىلىم تۈرى :

    كىلاسسىك/

    دۆلەت تەۋەلىكى :

    ئاۋسترىيە/

    فىلىم تىلى :

    ئۇيغۇرچە

    فىلىم ئۇزۇنلىقى :

    ھەر بىر قىسمى مىنۇت

    قويۇلغان ۋاقتى :

    1974 - يىلى (ئاۋسترىيە) قوشۇلغان ۋاقتى : 2021-يىلى04-ئاينىڭ26-كۈنى

    باشقا ئىسىملىرى :

    / Derrick

    دوۋبەن ID :

    تەمىنلەنمەپتۇ

    تەپسىلاتى :

    80-90-يىللار تۇغۇلغانلار بۇرۇنقى كونا تىياتىر، كارتون فىلىملەر ۋە ھېكايە فىلىملەردىن «دېرىك»، «تىكەن قۇشى»، «پارىژنىڭ سىرى»، «ئاندى روبىنسون»، «5-باشقارما ھەرىكەتتە»، «خونتېر»، «دېمپىس بىلەن مېكپىس»... يەنە ئىسمى ئاتالمىغان نۇرغۇن فىلىملەرنى كۆرۈپ چو
يانفوندا كۆرۈش
توردا كۆرۈش

كۆرۈش ئادرېسى

  • 微信视频

فىلىم تەپسىلاتى

80-90-يىللار تۇغۇلغانلار بۇرۇنقى كونا تىياتىر، كارتون فىلىملەر ۋە ھېكايە فىلىملەردىن «دېرىك»، «تىكەن قۇشى»، «پارىژنىڭ سىرى»، «ئاندى روبىنسون»، «5-باشقارما ھەرىكەتتە»، «خونتېر»، «دېمپىس بىلەن مېكپىس»... يەنە ئىسمى ئاتالمىغان نۇرغۇن فىلىملەرنى كۆرۈپ چوڭ بولغان. ئەينى يىللاردا بۇ فىلىملەر كۈندە پەقەت 2 قىسىملا قويۇلىدىغان بولغاچقا، شۇنچىلىك تەقەززالىق ئىچىدە كۆرەتتۇق.مانا شۇ كونا فىلىملەردىن «دېرىك» ناملىق رازۋېدكا فىلىمىنى سالونىمىز كۈندە بىر قىسمدىن يوللاشنى لايىق كۆردۇق.قېنى ئۇنداق بولسا فىلىم ئۇچۇرلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.«دېرىك» ناملىق بۇ فىلىم غەربىي گېرمانىيە، ئاۋسترىيە ۋە شىۋېتسارىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ھەمكارلىشىپ سۈرەتكە ئالغان چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولۇپ، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ميۇنخېن جىنايى ئىشلار ساقچى ئىدارىسى قاتىللىق باشقارمىسىنىڭ باش رازۋېدچىكلار باشلىقى دېرىك ۋە ساقچى ئەمەلدارى خاررىينىڭ دېلو پاش قىلغان ئەگرى-توقاي كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق ساقچىلار بىلەن جىنايەتچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھايات-ماماتلىق ئېلىشىشنىڭ مۇرەككەپلىكى، خەتەرلىك كۆرۈنۈشلىرى تەسۋىرلىنىپ، غەربىي گېرمانىيە جەمئىيىتىدىكى ھەرقايسى قاتلام كىشىلىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش پىسخىكىسى ئىپادىلەنگەن.بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا دېلو ئەھۋالى توغرىسىدىكى يەكۈن، ھۆكۈم ۋە ئۆزگىچە تەھلىللەرنى قىلىپ جىنايەت پاش قىلىشتەك زامانىۋى ئۇسۇللار ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.دېرىكنىڭ رولىنى ئالغان ئارتىس خورست تاپپېرت غەربىي گېرمانىيەنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى، ئۇنىڭ كامالەتكە يەتكەن ماھارىتى بۇ فىلىمنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.بۇ تىياتىرنىڭ ھەر بىر قىسىم ۋەقەلىكى مۇستەقىل ھەم سىستېمىلىق بولۇپ، ھەر قىسمىدا يېڭىچە بىر ئىدىيە ۋە مەزمۇن ئەكىس ئېتىدۇ ھەم شۇنداقلا كىشىنى ئويغا سالىدۇ. ©豆瓣

فىلىمدىكى شەخىسلەر

تېخىمۇ كۆپ...

مۇناسىۋەتلىك فىلىملەر

©豆瓣
تور بېكىتىمىزدىكى كىنو-فىلىملەرنىڭ چۈشەندۈرىلىشى پۈتۈنلەي 豆瓣 تورىدىن ئېلىنغان،مىكروسوفىت تور تەرجىمانى ئارقىلىق بىۋاستە تەرجىمە قىلىنغان،تەرجىمە مەزمۇنىدا خاتالىق بولسا تۈزۈتۈپ ئوقۇشىڭلارنى سورايمىز.تەرجىمە بىلەن بىزنىڭ ھىچقانداق مۇناسىۋىتىمىز يوق.