دېرىك | Derrick

(1974)

فىلىم رىجىسورى :
ئاساسلىق رولچىلار :
فىلىم تۈرى :
دۆلەت تەۋەلىكى :
فىلىم تىلى :
ئۇيغۇرچە
قويۇلغان ۋاقتى :
1974 - يىلى (ئاۋسترىيە)
دوۋبەن ID نومۇرى :
دوۋبەن نومۇرى تەمىنلەنمەپتۇ،ئىنگىلىزچە ئىسمى ئارقىلىق ئىزدەڭ ياكى بۇيەرنى بېسىڭ

Derrick

باھا نومۇرى :
9.9
فىلىم تەپسىلاتى :
80-90-يىللار تۇغۇلغانلار بۇرۇنقى كونا تىياتىر، كارتون فىلىملەر ۋە ھېكايە فىلىملەردىن «دېرىك»، «تىكەن قۇشى»، «پارىژنىڭ سىرى»، «ئاندى روبىنسون»، «5-باشقارما ھەرىكەتتە»، «خونتېر»، «دېمپىس بىلەن مېكپىس»... يەنە ئىسمى ئاتالمىغان نۇرغۇن فىلىملەرنى كۆرۈپ چوڭ بولغان. ئەينى يىللاردا بۇ فىلىملەر كۈندە پەقەت 2 قىسىملا قويۇلىدىغان بولغاچقا، شۇنچىلىك تەقەززالىق ئىچىدە كۆرەتتۇق.مانا شۇ كونا فىلىملەردىن «دېرىك» ناملىق رازۋېدكا فىلىمىنى سالونىمىز كۈندە بىر قىسمدىن يوللاشنى لايىق كۆردۇق.قېنى ئۇنداق بولسا فىلىم ئۇچۇرلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.«دېرىك» ناملىق بۇ فىلىم غەربىي گېرمانىيە، ئاۋسترىيە ۋە شىۋېتسارىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ھەمكارلىشىپ سۈرەتكە ئالغان چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولۇپ، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ميۇنخېن جىنايى ئىشلار ساقچى ئىدارىسى قاتىللىق باشقارمىسىنىڭ باش رازۋېدچىكلار باشلىقى دېرىك ۋە ساقچى ئەمەلدارى خاررىينىڭ دېلو پاش قىلغان ئەگرى-توقاي كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق ساقچىلار بىلەن جىنايەتچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھايات-ماماتلىق ئېلىشىشنىڭ مۇرەككەپلىكى، خەتەرلىك كۆرۈنۈشلىرى تەسۋىرلىنىپ، غەربىي گېرمانىيە جەمئىيىتىدىكى ھەرقايسى قاتلام كىشىلىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش پىسخىكىسى ئىپادىلەنگەن.بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا دېلو ئەھۋالى توغرىسىدىكى يەكۈن، ھۆكۈم ۋە ئۆزگىچە تەھلىللەرنى قىلىپ جىنايەت پاش قىلىشتەك زامانىۋى ئۇسۇللار ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.دېرىكنىڭ رولىنى ئالغان ئارتىس خورست تاپپېرت غەربىي گېرمانىيەنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى، ئۇنىڭ كامالەتكە يەتكەن ماھارىتى بۇ فىلىمنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.بۇ تىياتىرنىڭ ھەر بىر قىسىم ۋەقەلىكى مۇستەقىل ھەم سىستېمىلىق بولۇپ، ھەر قىسمىدا يېڭىچە بىر ئىدىيە ۋە مەزمۇن ئەكىس ئېتىدۇ ھەم شۇنداقلا كىشىنى ئويغا سالىدۇ. [ بولدى ]
فىلىم قىسىملىرى :
فىلىم رەسىملىرى : تېخىمۇ كۆپ رەسىملىرى
  • تىك رەسىم

  • 剧情介绍

    80-90-يىللار تۇغۇلغانلار بۇرۇنقى كونا تىياتىر، كارتون فىلىملەر ۋە ھېكايە فىلىملەردىن «دېرىك»، «تىكەن قۇشى»، «پارىژنىڭ سىرى»، «ئاندى روبىنسون»، «5-باشقارما ھەرىكەتتە»، «خونتېر»، «دېمپىس بىلەن مېكپىس»... يەنە ئىسمى ئاتالمىغان نۇرغۇن فىلىملەرنى كۆرۈپ چوڭ بولغان. 

    ئەينى يىللاردا بۇ فىلىملەر كۈندە پەقەت 2 قىسىملا قويۇلىدىغان بولغاچقا، شۇنچىلىك تەقەززالىق ئىچىدە كۆرەتتۇق.

    مانا شۇ كونا فىلىملەردىن «دېرىك» ناملىق رازۋېدكا فىلىمىنى سالونىمىز كۈندە بىر قىسمدىن يوللاشنى لايىق كۆردۇق.

    قېنى ئۇنداق بولسا فىلىم ئۇچۇرلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.

    «دېرىك» ناملىق بۇ فىلىم غەربىي گېرمانىيە، ئاۋسترىيە ۋە شىۋېتسارىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ھەمكارلىشىپ سۈرەتكە ئالغان چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولۇپ، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ميۇنخېن جىنايى ئىشلار ساقچى ئىدارىسى قاتىللىق باشقارمىسىنىڭ باش رازۋېدچىكلار باشلىقى دېرىك ۋە ساقچى ئەمەلدارى خاررىينىڭ دېلو پاش قىلغان ئەگرى-توقاي كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق ساقچىلار بىلەن جىنايەتچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھايات-ماماتلىق ئېلىشىشنىڭ مۇرەككەپلىكى، خەتەرلىك كۆرۈنۈشلىرى تەسۋىرلىنىپ، غەربىي گېرمانىيە جەمئىيىتىدىكى ھەرقايسى قاتلام كىشىلىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش پىسخىكىسى ئىپادىلەنگەن.

    بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا دېلو ئەھۋالى توغرىسىدىكى يەكۈن، ھۆكۈم ۋە ئۆزگىچە تەھلىللەرنى قىلىپ جىنايەت پاش قىلىشتەك زامانىۋى ئۇسۇللار ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

    دېرىكنىڭ رولىنى ئالغان ئارتىس خورست تاپپېرت غەربىي گېرمانىيەنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى، ئۇنىڭ كامالەتكە يەتكەن ماھارىتى بۇ فىلىمنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.

    بۇ تىياتىرنىڭ ھەر بىر قىسىم ۋەقەلىكى مۇستەقىل ھەم سىستېمىلىق بولۇپ، ھەر قىسمىدا يېڭىچە بىر ئىدىيە ۋە مەزمۇن ئەكىس ئېتىدۇ ھەم شۇنداقلا كىشىنى ئويغا سالىدۇ.

    京ICP备2021033142号-1

    SINQI.TOP © 2021. All rights reserved.

    ئۈستىگە قايتىش
    كۈندۈز
    سۆز قالدۇرۇش
    توپلام