مادۇ (ئەيسا ئەنھار Ishaan Khattar) ئىنتايىن ئاقكۆڭۈل بىر يىگىت بولۇپ، خىيالىدىكى ئاشىقى پاتىۋى (جاۋى كاپور Janhvi Kapoor) ئىسىملىك قىز ئىكەن. پاتىۋىنىڭ دادىسى تەدبىرلىك سىياسىيون بولۇپ، سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىۋاتاتتى، شۇڭا مادۇرنىڭ پاتىۋى بىلەن بولغان ھېسسىياتى تەبىئىيلا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، پاتىۋىنىڭ دادىسى مادۇغا ئوخشاش كەمبەغەل، قالاق، نامسىز سولتەككە ياتلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلمايتتى.مادۇ پاتىۋىينى تەڭقىسلىقتا قويماسلىق ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىشنى قارار قىلىدۇ، لېكىن باتۇر ھەم جاھىل پاتىۋى ئۇنى قوغلايدۇ، ئىككىسى ئاخىرى بىر يەرگە كېلىپ شېرىن ئۇچرىشىشنى باشلايدۇ. ياخشى كۈنلەر ئۇزاققا بارمىدى، ئۇلار ئارىسىدىكى مۇھەببەت ئىشلىرىنى ناھايىتى تېزلا سايلانغان پاتىۋىنىڭ دادىسى بىلىپ قېلىپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، مادۇرغا رەھىمسىز زىيانكەشلىك قىلدى
[ بولدى ]