مەكتەپتە دوستى يوق، سىزگە ھەمراھ بولۇپ ئوينايدىغان ئادەم يوق، يەنە كېلىپ زومىگەرلەر تەرىپىدىن بوزەك قىلىنغان بالا ئىكەنلىكىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. بۇ نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق ئىش. ۋارنېر ئاكا-ئۇكىلار ئىشلىگەن كارتون فىلىم «چۈمۈلىنىڭ چىشىغا تەگمە» دىكى باش قەھرىمان مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققان.ھېكايە چۆچەك يازغۇچىسى جون نىكول ( John Nickle ) ئىجاد قىلغان شۇ ناملىق بالىلار رومانىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن، يېڭىلا ئۆي كۆچكەن لۇكاس، مەكتەپتە دوستى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوشنىلىرى تەرىپىدىن بوزەك قىلىنغاچقا، ئاچچىقىنى چۈمۈلىدىن چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇۋىسىنى بۇزۇشقا مەجبۇر بولغان، ئويلىمىغان يەردىن چۈمۈلە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆچ ئېلىپ، سىرلىق كىچىكلىتىلگەن مىلتىق بىلەن لۇكاسنى چۈمۈلىدەك چوڭلۇقتا قىلىپ، ئۇنى ئۇۋىسىغا ئېلىپ كېلىپ بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن، بۇ قېتىم لۇكاس كەڭ قورساقلىق ۋە ھېسداشلىق، دوستلۇقنىڭ چىن مەنىسى ۋە تەبىئەتتىن زوقلىنىش ۋە ئۇنىڭدىن ئەيمىنىشنى ئۆگىنىۋالغان.
[ بولدى ]