تۇنجى قېتىملىق پويىزنىڭ يولغا چىقىشى قارا گۇرۇھنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، چۈنكى يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بايلار بولغاچقا، ئۇلار تاغ قاراقچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، يېرىم يولدا پويىز بۇلىماقچى بولدى. مەخسۇس توخۇ ئوغرىلايدىغان چېڭ چىتيەن ( خۇڭ جىنباۋ ) مۇ بۇ پويىزغا چىقىش نىيىتىگە كەلدى، ئۇ پويىزغا چىقىش ئۈچۈن يۇرتى خەنشۈي بازىرىنىڭ ئالدىدىكى بىر بۆلەك تۆمۈر يولنى پارتلىتىۋېتىپ، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ پويىزغا چىقىشنى قارار قىلدى. ئويلىمىغان يەردىن شۇ جايدىكى ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىنىڭ باشلىقى ساۋ جوجيەن ( يۈەن بياۋ ) چېڭ چىتيەننى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەتچى دەپ تونۇۋالدى، شۇنىڭ بىلەن چېڭ چىتيەننى تۇتۇپ كەلمەكچى بولدى. چېڭ چىتيەن تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ قوغلاپ تۇتۇشتىن قۇتۇلۇپ، تۆمۈر يولنى ئوڭۇشلۇق پارتلىتىۋەتتى. بۇ دەل تاغ قاراقچىلىرىغا چوڭ ياردەم بولدى، ئۇلار خەنشۈي بازىرىغا قاتمۇقات قورشاپ ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. يۇرتىنىڭ تاغ قاراقچىلىرىنىڭ قولىدا ۋەيران بولۇش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، چېڭ شاۋچى بىلەن ساۋ شاۋچى بىرلىشىپ كۈچلۈك دۈشمەنگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنى قارار قىلدى.
[ بولدى ]