دېئاندا ئېغىر زوراۋانلىق خاھىشى بار بولۇپ، ئۆيدە شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن ئۇ پىسخىكىلىق داۋالاشنى قوبۇل قىلىۋاتاتتى، كىچىك ۋاقتىدىكى قىلغان-ئەتكەنلىرى ئانىسىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتتى ھەمدە جەمەتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى، بىردىنبىر تەسەللى شۇكى، ئىنىسى دائىم ئۇنىڭغا خەت يېزىپ تۇراتتى. بىر كۈنى ئۇنى ئىنىسىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىپ كەلگەن بىر پارچە خەت ئۇنىڭ تىنچ تۇرمۇشىنى بۇزۇپ تاشلىدى. دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان كىچىك ئارالغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئىنىسىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىدىن گاڭگىراپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنىلا ئانىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىدى. بۇ چاغدا بىر توپ كىشىلەرمۇ كىچىك ئارالغا چىقىپ، دېئان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، ئارالغا يوشۇرۇنغان نەرسىلەرنى ئىزدەشكە باشلايدۇ. ئامال قىلىپ ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزماقچى بولغان دېئان بۇ بىر توپ كىشىلەر بىلەن ئېلىشىش جەريانىدا ئىنىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنىڭ سىرىنى بايقىدى.
[ بولدى ]