1917-يىلى ئەتىيازدا. فېۋرال ئىنقىلابى رۇسىيەنىڭ تۇرمۇشىنى ۋە 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ مۇساپىسىنى ئۆزگەرتتى. روسىيە پادىشاھى تەختتىن چۈشتى. گېرمانىيە بىلەن بولغان ئۇرۇش بىر يىللا داۋاملاشتى. بولشېۋىكلار ئاكوپتا تەشۋىقات ئېلىپ باردى ھەمدە دۈشمەن ئارمىيەسى بىلەن يارىشىپ قېلىشنى مۇراجىئەت قىلدى. « ئەسكەرلەر كومىتېتى» تەستىقلىمىغان بولسا، رۇسىيە ئوفىتسېرلىرىنىڭ ھېچقانداق قارار چىقىرىش ھوقۇقى يوق ئىدى. ئارمىيە ئەڭ ئاخىرىدا تارقىلىپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالدى.ئۇ ئەسكەرلەرنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى بويىچە مارىيا بوچكالياۋا قوماندانلىقىدىكى ئاياللار« پىدائىيلار لاگېرى» نى قۇرغان. « پىدائىيلار لاگېرى» ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق باتۇرلۇق ۋە ئىناقلىق ئۈلگىسىنى تىكلەپ، جەڭگىۋارلىق روھىنى ئۆستۈردى ھەمدە بۇ ئايال قەھرىمانلارنىڭ« رۇسىيە قەھرىمانى» دېگەن نامغا مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى
[ بولدى ]