1944-يىلى، 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلىشىشقا ئاز قالغاندا، ناتسىستلار ئارمىيەسى پولشانىڭ شەرقىي قىسمىدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنى قامالغان ئۈچ جازا لاگىرى قۇردى، ئۇنىڭ بىرى سوببۇرگ ئىدى. يەنە بىر جازا لاگېرىدا كوللېكتىپ قېچىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن سوبىباۋ جازا لاگېرىغا قارايدىغان ئەمەلدار بۇنداق ئىشنىڭ سوبىباۋ جازا لاگېرىدا يۈز بېرىشىگە ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم قىلغان. دەھشەتلىك جازاغا تولغان بۇ جازا لاگىرىدا قېچىش بىردىنبىر چىقىش يولى ئىدى. تېخىمۇ كەسكىن بولغىنى، ئەگەر بىر توپ مەھبۇسلار قېچىپ كەتسە، گېرمانىيەلىكلەر مۇناسىپ ساندىكى مەھبۇسلارنى قىرىپ تاشلايدۇ. ھەر قانداق بىر قېتىملىق بىر قەدەر چوڭ كۆلەمدىكى قېچىش مەسئۇل ئىشىك باقار ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ھاياتىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇس بۇ خىل ئىنتايىن قاتتىق نازارەت قىلىنغان جازا لاگىرىدا بولۇپ، 600 كىشىنى باشلاپ كوللېكتىپ تۈرمىدىن قاچقان، بۇنىڭ ئىچىدە 300 كىشى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، تارىختىكى مۆجىزىگە ئايلانغان
[ بولدى ]