رورا كلاۋفورد (ئانجىلىنا جۇلى) بۇ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ ئېلان قىلغان ئېكسپېدىتسىيىچى ئۆزىنىڭ ئىزدىنىش يولىنى داۋاملاشتۇردى. بۇ قېتىم ئاللىقاچان دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەن ئاي ئىلاھى ئىبادەتخانىسىنى ئىزدىدى. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاي ئىلاھى ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچىگە رىۋايەتلەردىكى« پاندورا ئالۋاستى قۇتىسى» كۆمۈلگەن. غايەت زور ئېنېرگىيە بۇ سېھىرلىك قۇتىدا مەۋجۇت، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رەزىل كۈچلەرمۇ بۇ كۈچكە يىرتقۇچلاردەك خىرىس قىلماقتا. چۈنكى بۇ كۈچنىڭ غايەت زور كۈچى پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسىنى ۋەيران قىلالايدۇ، رەزىل كۈچلەر پايدىلىنىشقا ئۇرۇنسا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.ئۇ بىر تەرەپتىن رىۋايەتتىكى ئاجايىپ كۈچنى ئىزدىسە، يەنە بىر تەرەپتىن شياڭگاڭدىكى قارا گۇرۇھنىڭ كاتتىباشلىرى بىلەن ئەقىل سىنىشاتتى. زادى لورا بۇ كۈچكە ئوڭۇشلۇق ئېرىشىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالامدۇ يوق؟
[ بولدى ]