بىپايان ئالەم بوشلۇقىدا ئوۋچى ناملىق سودا ئالەم كېمىسى ئۇزۇن مۇساپىنى باسماقتا. كېمىدە 40 يولۇچى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر جازا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچى رىچارد رېدىك (Vin Diesel) مۇ بار ئىدى. تانگېر يۇلتۇزلار سىستېمىسىغا كەلگەندە، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقە ئالەم كېمىسىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتتى، ھاۋا ئۇچقاندەك چىقىپ كېتىپ، ئاخىر ئىسسىق ھەم قاقاس بىر پىلانېتاغا قونۇشقا مەجبۇر بولدى. يەرگە قونغان چاغدىكى غايەت زور زەربە كۈچى ئالەم كېمىسىنى پارچە-پارچە قىلىۋەتكەن، ئۆلگەن، يارىلانغانلار كۆپ بولغان. ھايات قالغۇچىلار بۇ ناتونۇش زېمىنغا كېلىپ، دەھشەتلىك تەبىئىي مۇھىت ھەر بىر ئادەمنى سىنىماقتا، ئوخشاش بولمىغان مىللەت، ئوخشاش بولمىغان كەسىپتىكى كىشىلەر بۇ ۋاقىتتا چوقۇم بۇرۇنقى ئاداۋەتلىرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، بىرلىشىۋېلىشى كېرەك. ئۇلار ئاسماندىكى ئۈچ قۇياش بىلەن قارشىلىشىپلا قالماستىن، يەنە قاراڭغۇلۇققا يوشۇرۇنغان خەتەردىن ھەر ۋاقىت پەخەس بولىدۇ
[ بولدى ]