تاشقى پىلانېت ئادىمى دانيېل (ئالېكس پاتفېر Alex Pettyfer) ھەمدە ئۆزى بىلەن ئوخشاش تەقدىرى بار بالىلار ئۆزلىرىنىڭ پىلانېتالىرىغا تاجاۋۇز قىلغان ماۋجالارنىڭ قوغلاپ ئۆلتۈرۈشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن يەر شارىغا قېچىپ كەلگەن، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، دانيېل ئۆز ھەمراھلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئۈزلۈكسىز ھېس قىلىپ، ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ قوغدىغۇچىسى ھېنرىنىڭ ھەمراھلىقىدا سەرگەردانلىق تۇرمۇش كەچۈرگەن. تيەنتاڭ بازىرىدا، دانيېل گۈزەل قىز سارا (دىئاننا ئاگلون Dianna Agron) بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالدى ھەمدە قورقۇنچاق، ئاجىز، ئەمما تاشقى پىلانېت ئادىمىگە مەپتۇن بولۇپ قالغان سام (كالان ماك ئولىفى Callan McAuliffe) نى تونۇپ يەتتى. قورقۇنچلۇق ماۋجالار ئاخىرى دانيېلنىڭ ھەرىكىتىنى تاپتى، بۇ قېتىم دانيېل ئۆزىنى قاچۇرۇشنى تاللىماي، ئۆزىنىڭ كۈچلۈك دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچى ئارقىلىق دۈشمەننى يېڭىشنى قارار قىلدى. ئەمما، قۇدرەتلىك ماۋجالار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئاسان ئەمەس...بۇ فىلىم يۈرۈشلۈك ھەجۋىي رەسىملەرنىڭ بىرىنچى قىسمىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، كىنو« ئۆزگىرىشچان مېتال پولات» نىڭ رېژىسسورى مايكول باي (Michael Bay) نىڭ نازارەتچىلىكىدە ئىشلەنگەن.
[ بولدى ]