بەش ياش ئەيش (برۇس كامبېل Bruce Campbell) ، شىرلېي (Ellen Sandweisss ئەيلۇن ساندېرۋىس) قاتارلىقلار بىرلىكتە ماشىنا ھەيدەپ ساياھەتكە چىقتى، ئۇلار تاغ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بىر ئۆينى دالا نۇقتىسى قىلىپ زاكاز قىلدى، ئۇلار تاغ ـ داۋانلاردىن ئېشىپ، ئاخىرى بۇ كىچىك ياغاچ ئۆينى تاپتى. كەچتە ئۇلار بۇ ئۆينىڭ ئىگىسى قالدۇرۇپ كەتكەن مۇقاۋىسى كىشىنى چۆچۈتىدىغان غەلىتە كىتاب ۋە كونا پاسوندىكى ئۈنئالغۇنى بايقايدۇ. ئۆي ئىگىسى ئۈنگە ئېلىپ قالدۇرغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ يىراق قەدىمكى زاماندا تارقىلىپ يۈرگەن دەپنە مۇراسىمى ۋە بىر قىسىم ئەپسۇنلارنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ھېلىقى غەلىتە كىتابنىڭ ئىسمىنىڭ« ھالاكەت كىتابى» ئىكەنلىكىنى؛ كىتابتا ئېيتىلىشىچە، ئادەم ئۆلسە، ئەمەلىيەتتە پەقەت ئۇخلاش ھالىتىنىلا ساقلايدىكەن، ھەقىقىي ئۆلمەيدىكەن، ئەپسۇن ئارقىلىق قايتىدىن تىرىلىدىكەن. ئارقىدىنلا ئۈنئالغۇدا ئادەمنى شۈركەندۈرىدىغان بىر ئەپسۇن قويۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، تېررورلۇق ۋەقەلىرى كەينى-كەينىدىن يۈز بېرىشكە باشلىدى.
[ بولدى ]