ئۈچ ئالىم ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا بىر خىل سىرلىق رۇدىنى بايقىغان بولۇپ، بۇ خىل رۇدىنىڭ قىرغىنچىلىق كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەن. بۇ ئۈچ ئالىم رۇدىنى ئېلىپ قايتىش سەپىرىدە، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئوخشىمىغان دۆلەتتىن كەلگەن 11 ئالاھىدە ئەسكەردىن تەشكىللەنگەن ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى ئەۋەتىپ، ئالىملار ۋە ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرىنى بۇلىدى.ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىچكى جىن پەيدا بولۇپ، بۇ نەتىجىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماقچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۈتۈۋېلىشقا مەسئۇل ئۇچقۇچىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بىر قېتىملىق ئايروپىلان ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئىز-دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەن ۋە ئۆزىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسىنى يوشۇرغان. ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ھالاك بولدى، پەقەت كوماندا ئەزاسى جېك (چېڭلوڭ) تەلىيىگە يارىشا ئامان قالدى.جىك يەرلىك ئاھالىلەر تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان چاغدا، ئۇ قاتتىق سوقۇلۇش سەۋەبىدىن بارلىق خاتىرىلىرىنى يوقاتقان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىسمى، كېلىش مەنبەسى توغرىسىدا ھېچنېمىنى بىلمەيتتى. ئۇ ئۇچرىغانلا ئادەمدىن پەقەت« مەن كىم؟ » دەپ سورايدۇ. جېك ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن نيۇيوركقا قايتىپ كەلدى..
[ بولدى ]