مارخوتېرا (ساچىن كېدكا Sachin Khedekar) نىڭ ئايالى تەلەيلىك ھالدا قوشكېزەك ھامىلدار بولۇپ قالىدۇ، بۇ ئىككى بوۋاق ئىڭەلەپ دۇنياغا كۆز ئاچقان چاغدا رەزىل جىنايەتچى چارلېس ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر بالىنى بۇلاپ كەتتى ساقچىلار قوغلاپ تۇتۇش جەريانىدا، چارلېس بوۋاقنى يىتتۈرۈپ قويدى بەختكە يارىشا، بالىنى كاسى ئىسىملىك ئاق كۆڭۈل بىر ئايال بېقىۋېلىپ راجا دەپ ئاتىغان (ۋارون داۋان Varun Dhawan) ، مارخوتېرا بولسا يەنە بىر بالىسى پرۇم (ۋارون داۋان Varun Dhawan) نى ئېلىپ ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىگە بېرىپ جىنايەتچىلەرنىڭ داۋاملىق دەخلى-تەرۇزىدىن ئۆزىنى دالدىغا ئالدى.ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپ كەتتى، پرېم بىر ئاجىز ئوغۇل بالا بولۇپ قالدى، راجا بولسا بومبايدىكى كىچىك زومىگەر بولۇپ قالدى، ئاكا ـ ئۇكا ئىككىيلەننىڭ مىجەزى بەكلا پەرقلىنىدۇ. پرېم بىلەن راجا قوشكېزەك بولغاچقا، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا دائىم پىسخىكىلىق تەسىر پەيدا بولۇپ، بىرمۇنچە كۈلكىلىك ئىشلار يۈز بەرگەن.
[ بولدى ]