بۇ كىنو نوللىۋود بىلەن بوللىۋودنىڭ تۇنجى ھەمكارلىقى، دۆلەت ھالقىغان مۇھەببەت ھېكايىسى سۆزلەنگەن. كىنودا نوللىۋود ۋە بوللىۋودنىڭ ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى يۇغۇرۇلغان، كىنو ھېرىسمەنلىرى بۇ كىنودىن تونۇش بوللىۋود پۇرىقىنى تاپالايدۇ ھەمدە يېڭىلىق ھېسابلىنىدىغان نوللىۋودچە ئۇسلۇبتىنمۇ ھۇزۇرلىنالايدۇ.كېلىشكەن راج نىگېرىيەدە خىزمەت قىلىدىغان ھىندىستانلىق يىگىت، ئۇ تاسادىپىي پۇرسەتتە نىگېرىيەلىك گۈزەل ئادۋوكات چىدىما بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. ئىككەيلەن بىر كۆرۈشۈپلا بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ قالىدۇ، لېكىن بۇ ۋاقىتتا ئىككەيلەن بىر-بىرىنىڭ ئىسمى، نەدە، نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى، لايىقى بار-يوقلۇقىنى بىلمەيتتى.ئۇلار بىر-بىرىنى ئىزدەشكە ئامال قىلالماي يۈرگەندە، تاسادىپىي پۇرسەتتە ئۇچرىشىدۇ، راجنىڭ نەۋرە ھەدىسىنىڭ ۋاستىسى بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. تەستە قايتا تېپىشقان ئىككەيلەن «ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قۇيغاندەك» بىردەمدە چىقىشىپ كېتىدۇ ۋە ئامراق بىر جۈپلەرگە ئايلىنىدۇ.ئەمما دۆلەت ھالقىغان بىر جۈپلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلارنى چوڭ خىرىسلار كۈتۈپ تۇراتتى. راج چىدىمانىڭ ئاتا-ئانىسنىڭ ئالدىغا سالامغا بارغاندا، چىدىمانىڭ زەردار دادىسى بۇ يات دۆلەتتىن كەلگەن يىگىتنى ھاقارەتلەپ ئۇزىتىپ قويىدۇ. ئۇ قىزىنىڭ نىگېرىيەلىك ئەرگە ياتلىق بولۇشىنى تەلەپ قىلىپلا قالماي، يەنە تېخى ئۆزىنىڭ بىر ئىشەنچلىك خادىمى بىلەن چېتىپ قويۇش چوتىنى سوققان ئىدى. ئەمما خاراكتېرى كۈچلۈك چىدىما دادىسىنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا چات كېرىۋىلىشىنى ياقتۇرمايتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزى قولىغا ئېلىش ئۈچۈن تىركىشىدۇ.راج چىدىمانىڭ دادىسىغا ئەھۋالنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمىغانلىقىدىن رەنجىيدۇ. ئەمما ئۇمۇ قىز دوستىنى ئاپىسىغا تونۇشتۇرۇشقا پېتىنالمايتتى. بۇ ۋاقىتتا راجنىڭ ئاپىسى تۇيۇقسىز ئوغلىنى يوقلاپ نىگېرىيەگە كېلىدۇ، بۇ ئەنئەنىۋى ئايال بىر نېگېرىيەلىك كېلىننى قوبۇل قىلىشقا تەييارلىنىپ بولمىغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن راج ئاپىسى بىلەن قىز دوستىنىڭ ئارىلىقىدا قىسلىپ قالىدۇ.جەنۇبىي ئاسيالىق يىگىت بىلەن ئافرىقىلىق قىزنىڭ مۇھەببىتى قانچە تاتلىق بولسا، مۇرادىغا يېتىشى شۇنچە مۈشكۈل!مەدەنىيەت پەرقى، بىتەرەپلىمىلىك بۇ ئىككەيلەن ۋە ئائىلىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا زادى قانچە ئۇقۇشماسلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ؟ ئىككەيلەن زادى قايسى ئۇسۇل بىلەن بىر-بىرىنى چۈشىنىدۇ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى يېقىنلاشتۇرىدۇ؟ مۇھەببەت سەپىرىدە زادى قانچە كۆپ ئوڭۇشىسزلىقلارغا ئۇچرايدۇ؟....ئەگەر ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى كۆرۈشكە قىزىقسىڭىز، نۇر تورى كىنوخانىسى «نۇرلىۋود»تا قويۇلۇۋاتقان نوللىۋود كىنوسى «ئاھ، قارا مەرۋايىتىم» ھۇزۇرىڭىزدا بولسۇن!
[ بولدى ]