فىلىم ئانتونى جونىستون (Antony Johnston) نىڭ شۇ ناملىق رومانىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، « سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتى بايان قىلىنغان:1989-يىلى دېموكراتىك گېرمانىيە ۋەزىيىتىدە جىددىي ئۆزگىرىش بولۇپ، « بېرلىن تېمى» چۇۋۇلۇش تەقدىرىگە دۇچ كەلگەن، لېكىن بۇ ۋاقىت ئەڭ قاراڭغۇ پەيت بولۇپ، ھەر خىل قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ھەرىكەتلىرى پات-پات يۈز بېرىپ تۇرغان. ئەنگلىيە ھەربىي ئاخبارات 6-باشقارمىسىنىڭ بىر يەر ئاستى ئەمەلدارى بېرلىندا قەستكە ئۇچرىدى، ئۇ دېموكراتىك گېرمانىيەدىن ئېلىپ كەلگەن بىر جاسۇسلۇق تىزىملىكىنى قولغا ئالدى، لېكىن قاتىل ئۇنىڭدىن تېپىلمىدى. لوررىن براۋتون (سېرون) ئىسىملىك بىر ئالاھىدە خادىم بۇ جاسۇسلۇق تىزىملىكىنى قايتۇرۇپ كېلىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان.بۇنىڭدىن بۇرۇن خەۋەر قىلىنىشىچە، رېژىسسور رېچ بىلەن سىتارسكىي« تېز سۈرئەتتە قوغلاپ ئۆلتۈرۈش» ناملىق فىلىمنىڭ داۋامىنى سۈرەتكە ئالىدىكەن، كىنو رىۋېسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باش رولچىلار بىردەك قايتىپ كېلىدىكەن. لېكىن بۇ فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىشتىن بۇرۇن، ئىككىيلەن ئالدى بىلەن بۇ ئايال پىرسوناژنىڭ ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئالغان ھەرىكىتىنى ئېكرانغا ئېلىپ چىقىدۇ.
[ بولدى ]