ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەنگلىيەنىڭ بىر ئايروپىلانى بومباردىمان قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا، گېرمانىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن زەربىگە ئۇچراپ، بىر نەچچە ئەنگلىيە ئەسكىرى پاراشۇتتىن سەكرەپ قۇتۇلۇپ قالغان. ئۇلار تۈركىيە مۇنچىسىدا كۆرۈشۈشكە كېلىشىپ قويغان ھەمدە بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ شەرتلىك بەلگىسى بولغان« قوشماق ئۆردەك چېيى» نى ئۇلاش مەخپىي بەلگىسى قىلغان.ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى گېرمانىيە ئارمىيىسى ئىشغالىيىتىدىكى رايونلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىغا قوندى. بومبا ساقال ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى لېيجىننادنى ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى قۇتقۇزۇپ قالدى. باشقا ئىككى ئەسكەرمۇ ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا سىرچى ئاۋگۇست (بولۋېر) ۋە ئوركېستىرنىڭ قوماندانى ستانىسلاس (لۇئى دې فېنېس) نىڭ ياردىمىدە يوشۇرۇنۇۋالدى. گېرمانىيە ئارمىيەسى پۈتۈن شەھەرنى ئاختۇرغان تەقدىردىمۇ، سىرچى، قوماندان ۋە ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى يەنىلا مۇنچىدا ئوڭۇشلۇق ئۇچرىشىپ، بىرنەچچە قېتىم ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى ئاخىر ئۇلاندى. ئەسلىدە تونۇشمايدىغان بىر نەچچە ئادەم مۇشۇنداق ھايات ـ ماماتلىق ئىتتىپاق تۈزۈپ، دۈشمەن بىلەن ئەقىل ـ پاراسەت ۋە باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشىشتەك ھايات ـ ماماتلىق ئويۇننى ئوينىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە نۇرغۇن ئىللىق چاقچاق پەيدا قىلدى. ئۇلار ئازغىنە كۈچى بىلەن شەپقەتسىز گېرمانىيە ئارمىيەسىگە تاقابىل تۇردى، خەتەر ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولدى، كۈلكىلىك بولدى، يولۋاس ئاغزىدىن قېچىپ چىقىش ئۈچۈن، بىرلىكتە جەڭ قىلدى
[ بولدى ]