ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىپتىدائىي ئورمانلىقتىن غايىب بولغان بولۇپ، ئۇ يەردە ئانچە دوستانە بولمىغان شۇ جايدىكى پارتىزانلار ئەترىتى بار ئىدى. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئالاھىدە ئەسكەر مايورى داچى (ئارنو شۋاڭگېر Arnold Schwarzennegger) قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ ئۆزى بېرىپ ئىزدىدى. ئۇلار ئورمانلىقتا ناھايىتى تېزلا يوقاپ كەتكەن ئۇچقۇچىنىڭ جەسىتىنى بايقىغان. كۆپچىلىك ئۇنى شۇ جايدىكى پارتىزانلار ئەترىتى قىلغان، دەپ قارىدى، غەزەپلەنگەن ئەترەت ئەزالىرى شۇ جايدىكى پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ بازىسىنى ئىزدەپ، ھەمراھلىرى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالماقچى بولدى.ئەمما، ئۇلار شۇ جايدىكى پارتىزانلار بارگاھىنى كۆرۈپ، شۇ جايدىكىلەرنىڭمۇ بىر خىل تېررورلۇق كەيپىياتى بىلەن قاپلانغانلىقىنى بايقىدى. ئارقىدىن، ئەترەت ئەزالىرى كەينى ـ كەينىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلدى، لېكىن ھەر قېتىم دۈشمەننىڭ يېرىم سايىسىنى بايقىمىدى. قارشى تەرەپ خۇددى كۆرۈنمەس بولۇپ قالغاندەك. يالغۇز داچى ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ بۇ سىرلىق، قورقۇنچلۇق كۈچكە تاقابىل تۇرۇشقا بەل باغلىدى...
[ بولدى ]