مارتېر (كېۋىن جونسون Kevin Janssens) بىلەن كەيت (ئوگا كىرورانكو Olga Kurylenko) بىر جۈپ ئىنتايىن ئامراق ئەر-خوتۇن، ئىككىسىنىڭ كۆڭۈللۈك تويىدىكى بىردىنبىر ئەپسۇسلىنىدىغان ئىش ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنىڭ جەۋھىرىگە ئىگە بولالمىغانلىقى بولۇپ، كەيت ئىلگىرى ئىككى قېتىم ھامىلدار بولۇپ، بەختكە قارشى بويىدىن ئاجراپ كەتكەن. ئەر ـ خوتۇن ئىككىيلەن كۈتۈلمىگەن ئەھۋالنى پەسەيتىش ئۈچۈن، نيۇيوركنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى بىر قەدىمىي تۇرالغۇغا بېرىپ دەم ئالدى، ئىككىيلەن ئويلىمىغان يەردىن ئۆيدىن يوشۇرۇنىۋالغان بىر مەخپىي ئۆينى تاپتى.بۇ سىرلىق سېھىرگەرلىككە ئىگە ئۆي، پەقەت سىز ئۆيدە بولسىڭىزلا ھەرقانداق ماددىي جەھەتتىكى ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز. بۇ ئۆيدىن پايدىلىنىپ، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن ھەش-پەش دېگۈچە ئۆزلىرى سېتىۋالماقچى بولغان، ئەمما سېتىۋېلىشقا كۆزى قىيمىغان نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئىگە بولدى. لېكىن، دەسلەپتە ھاياجانلىنىش ھېسسىياتى تىنچلانغاندىن كېيىن، كەيتنىڭ كۆڭلىدىكى ئاچكۆزلۈكى قۇتراشقا باشلىدى، ئۇ ھەقىقىي ئېرىشمەكچى بولغان« نەرسە» پەقەت بىرلا ئىدى.
[ بولدى ]