گەرچە زونى (كاجول Kajol) نىڭ ئىككى كۆزى ئەما بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما كۈن بويى قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇ ھەقىقىي مۇھەببەت ئىزدەش ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمىدى. بىر قېتىملىق تاسادىپىيلىقتا، ئۇ لېي خەن (ئامىر خان Aamir K) ئىسىملىك بىر ئەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ، گەرچە بۇ ئەرنىڭ قىياپىتىنى كۆرەلمىسىمۇ، لېكىن زونى ئۇنىڭ ئىزچىل ساقلاپ كېلىۋاتقان ھېلىقى كىشى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ، ناھايىتى تېزلا زونى بىلەن لېي خەن توي قەسىرىگە كىرىپ، ئوماق بىر ئوغۇل بوۋاق تۇغىدۇ.تويدىن كېيىن، لېيخەن پۇل غەملەپ زونىنىڭ كۆزىنى ساقايتتى، بىراق، زونى كۆزىنى ئاچقان ئاشۇ دەقىقىدە لېيخەننىڭ ئۆلۈپ كەتكەن شۇم خەۋىرىنى ئاڭلىدى. يۈرىكى پارە-پارە بولغان زونى بالىسىنى ئېلىپ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆمۈر بويى ياتلىق بولمايدىغانلىقىغا قەسەم قىلدى. كۆزنى يۇمۇپ ـ ئاچقۇچە يەتتە يىل ئۆتۈپ كەتتى، زونى ئويلىمىغان يەردىن لېي خەن بىلەن قايتا ئۇچراشتى. ئەسلىدە لېي خەن ئەينى يىلى يالغان ئۆلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچى ئىكەن.
[ بولدى ]