چېن گورۇڭ (چېڭلوڭ) تۇرۇشلۇق بىر گۇرۇپپا ساقچىلار بولسا ساقچى سەرخىللىرى بولۇپ، نۇرغۇن دېلونى پاش قىلغان. ئازۇ (ۋۇ يەنزۇ) باش ساقچى شىسىنىڭ ئوغلى بولۇپ، بىرقانچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ پەرزەنتلىرى (جياڭ يى، يىن زىۋېي، ئەن جىجيې، يې شەنخاۋ) بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ساقچىلارغا جەڭ ئېلان قىلغان. ئۇلار بانكىغا بېرىپ بۇلاڭچىلىق قىلىپ، ساقچى يېتىپ كەلگەندە، ئاروڭ ۋە ئۇنىڭ ئەترەت ئەزالىرىنى ئاللىقاچان لايىھىلەپ بولغان قۇرۇق ئامبارغا باشلاپ كىردى. ساقچىلارنىڭ ھەممىسى باندىتلار ئاللىبۇرۇن لايىھەلەپ بولغان ئويۇن تەرتىپىگە كىرىپ، رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلدى، ھەتتا ئارۇڭنىڭ قىز دوستى كېيى (ياڭ سەينى) نىڭ ئىنىسىمۇ ئامان قالمىدى. ئارۇڭ شۇنىڭ بىلەن خىزمەتتىن توختىتىلىپ، ئۆكۈنگەن ھالدا كېيىدىن ئايرىلىپ كەتتى. كۈن بويى غەرق مەست بولۇپ يۈرگەن ئارۇڭ قاۋاقخانىدا ئافېڭ (شيې تىڭفېڭنىڭ ئوبرازى) بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ، ئافېڭ ئارۇڭنى روھلاندۇرۇش ئۈچۈن، يالغاندىن ساقچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئارۇڭغا ئۆزىنىڭ باشلىق ئەۋەتىپ ئارۇڭنىڭ دېلو ئاغدۇرۇشقا ياردەملىشىشىنى تەلەپ قىلغان يېڭى ساقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشنى قارار قىلىدۇ. ئارۇڭ يەنە ئۆزىگە قاتتىق زەربە بەرگەن ئاشۇ بىر توپ جىنايەتچىنى ئۇچرىتىپ، ئۇلارنىڭ كۈرەش ئىرادىسى بىلەن ئېلىشىپ، ساقچى خۇا شاشا (سەي جويەن) نىڭ ياردىمىدە باندىتلارنىڭ ئەينى يىللاردىكى ۋەقەلىرىنىڭ بىر ئويۇن بولۇپ شەكىللەنگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەينى يىلى ئاخباراتنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنىمۇ بىلدى.
[ بولدى ]