1992-يىلى، يىلمۇيىل داۋاملاشقان قەبىلە ئۇرۇشى شەرقىي ئافرىقا دۆلىتى سومالىنىڭ تاغ-دەريالىرىنى ۋەيران قىلىپ، خەلقنى كۈن كەچۈرەلمەس قىلىپ قويدى، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئېغىر ئاچارچىلىق 300 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. پايتەختنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغان مۇستەبىت مۇھەممەت فارادى خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى بۇلاپ كەتتى، بۇ ئىش كىشىلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. ئەسەبىيلەشكەن ئەدىد خەلقئارا تىنچلىق ساقلاش تەشكىلاتىغا جەڭ ئېلان قىلدى، ئامېرىكا تەرەپ 160 نەپەر ئالاھىدە قىسىم ئەزاسىنى موگادىشۇغا ئەۋەتىپ، ئەدىد ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كەلگەن بۇ بىر توپ جەڭچىلەرنىڭ ئىشەنچى تولۇپ تاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئاخباراتنى يېتەرلىك توپلىمىغانلىقتىن، جەڭ تىركىشىش ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى. ئېيدى ھاكىمىيىتىدىكى ئىككى چوڭ ئەمەلدارنى قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتىدە، ئالاھىدە قىسىم سومالى خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. ئىككى تەرەپ شەھەر مەركىزىدە كەسكىن تىركەشتى، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر قارا شۇڭقار تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھۇجۇمغا ئۇچراپ شەھەر رايونىغا چۈشۈپ كەتتى، ئايروپىلان خادىملىرى خەتەر ئىچىدە قالدى. ھەمراھلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، بىر كىچىك ئەترەت ئالاھىدە قىسىم ئەسكەرلىرى يولۋاس ئۇۋىسىغا كىردى. كېيىنكى 15 سائەت ئىچىدە، ئۇلار كىشىلەر ئارىسىدا تەسەۋۋۇر قىلىش تەس بولغان رېتسار مەيدانىنى باشتىن كەچۈردى...
[ بولدى ]