ئالدىنقى قېتىملىق يىغىلىشىدا، ئېلىس (مىرا جوۋوۋىچ Milla Jovovich) توڭلىتىپ قويۇلغان ھەمراھلىرىنى قۇتقۇزۇپ چىقتى، كۆپچىلىك بۇ يەردىن ئايرىلىش ئالدىدا يېتىپ كەلگەن ياللانما ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. T ۋىرۇسى قىزىل خانىش (Megan Charpentiier) نىڭ پروگراممىسىدا خاتالىق سادىر قىلىپ، ۋەھشىي قانخۇمار بولۇپ قالغان ئۇ ئەڭ ئاخىرقى ئىنسانلارنى ئۆلتۈرۈپ يەرشارىنى ۋەيران قىلماقچى بولغان. بىردىنبىر قىزىل خانىشنى توسۇپ قالالايدىغىنى پەقەت ئەيلىز بىر ئادەم. بۇ چاغدا، ئىقتىدارىدىن قالغان ئېلىس مۇھاپىزەت كۈنلۈكى شىركىتى تەرىپىدىن دېڭىز ئاستىدىكى مەخپىي بازىغا قامىلىپ قالدى. ۋېسك (شوئىن روبېرتىس Shawn Roberts) ۋىرۇس ئارقىلىق مۇھاپىزەتچى شىركەتنىڭ سىستېمىسىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى، ئۇ ئەيلىسنى قويۇۋەتتى ھەمدە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدى ئىكەنلىكىنى، ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئۇلار چوقۇم بۇرۇنقى ئاداۋەتنى يوقىتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك دۈشمەنگە ئورتاق قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئېلىس مۇھاپىزەت كۈنلۈكى شىركىتىنىڭ سابىق خىزمەتچىسى ئېدا ۋاڭ (لى بىڭبىڭ) بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى، ئىككىيلەن يول بويى دۈشمەننى باتۇرلۇق بىلەن ئۆلتۈرۈپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلىسنىڭ كونا كۈنلەردىكى سەپداشلىرىمۇ بىر كىچىك ئەترەت بولۇپ تەشكىللىنىپ، سىرتىدىن ئىچىگە قاراپ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىدۇ.مۇھاپىزەت كۈنلۈكى شىركىتى دېڭىز ئاستىغا ئەينەن تەقلىدىي شەھەر بەرپا قىلدى ھەمدە كلون ئادەمنى T ۋىرۇسىنىڭ تەجرىبە ئوبيېكتى قىلدى.
[ بولدى ]