بۇ ھېكايە 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، رادىيو ئالاقىسى بىخەتەر بولمىغانلىقتىن، ئەنگلىيە ئارمىيەسى ھەربىي كەپتەرلەرنى مەشىق قىلدۇرۇپ، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ فىرانسىيە يەر ئاستى قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى ۋە ئىتتىپاقداش ئارمىيە بىلەن ئالاقىلىشىشنى باشلىغان. ياۋا كەپتەر« باتۇر» لار شۇنچە كۆپ ئوخشاش تۈردىكىلەرنىڭ دۆلەت ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، سىناپ بېقىشقا ئالدىراپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن« باتۇر» لار ئامال قىلىپ ھەربىي كەپتەرلەرگە ئارىلىشىپ كەتكەن، مەشىقلەندۈرۈلمىگەن« باتۇر» لار باشقا ھەربىي كەپتەرلەرگە قارىغاندا ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق بولۇپ قالغان. لېكىن، ئىش توغرا كېلىپ قالغاچقا، « پالۋان» 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئەڭ ئېغىر ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، نورماندىيىدە قۇرۇقلۇققا چىققان ئاخباراتنى ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بەردى. دۈشمەننىڭ ۋەھشىي ھەربىي لاچىن ئالدىدا« باتۇر» لار ۋەزىپىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىيالامدۇ؟
[ بولدى ]