بىر كىلاسسىك دېسنىي كارتون فىلىمىنىڭ ماتېرىيالى گرىم چۆچىكى «كۈل قىز» دىن ئېلىنغان. ئانىسىنىڭ بالدۇر ئالەمدىن ئۆتۈشى بىلەن كۈل قىز سېندېرېللا ئانا مېھرىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلالماي، مەلىكىلەردەك بالىلىق دەۋرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئۆگەي ئانىسى بىلەن ئۇنىڭ ئىككى قىزى ھەر ۋاقىت تۈرلۈك ئاماللار بىلەن سېندېرۇيلانى قىيناپ، ئۇنىڭغا ناچار تۇرالغۇ، تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرىنى بېرىدۇ. بەختكە يارىشا يوللۇقلار نۇسرەت تاپىدۇ، يولسىزلار لەنەتكە قالىدۇ، ئاق كۆڭۈل سېندېرۇيلا بىر توپ دوستلار بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ، چاشقان، قۇش، كۈچۈكلەر ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كونا دوستلار خاتىرىسىنى قوغدايدۇ.شاھزادە پۈتۈن شەھەردىن خانىش ئىزدىمەكچى بولۇپتۇ، سېندېرۇيلا كونا، پارچە-پۇرات رەختلەردىن بىر مۇراسىم كىيىمى تىكىپتۇ، ئەلۋەتتە بۇ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەن ئاچىلىرىنىڭكىدەك چىرايلىق كىيىنمەپتۇ. لېكىن، كۈل قىز سېھىرگەرلىكنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، ئاجايىپ سېھىرگەرلىك ئىچىدە گۈزەللىكتە تەڭداشسىز بولۇپ، كاۋا ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ شاھزادىنىڭ ئوردىسىغا كېلىپ، شاھزادە بىلەن لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشۈپتۇ. ئۇ سېھىرگەرلىكنىڭ سائەت 12 دىن بۇرۇن پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى بىلەتتى، چوڭ قوڭغۇراق چېلىنغان ئاشۇ دەقىقىدە، ئۇ ئالدىراپ-تېنەپ شاھزادىدىن قېچىپ كەتتى، چوڭقۇر مۇھەببەت پاتقىقىغا پېتىپ قالغان شاھزادە كۈل قىزنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن قالدۇرۇپ قويغان ئەينەك ئايىغىنى ئېلىپ، مىليونلىغان قىزلار ئارىسىدىن ھاياتىدىكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىنى تېپىشقا قەسەم قىلدى : سېندېرېللا.
[ بولدى ]