چىڭگىزخان | Chingiz Khan

(2000)

فىلىم رىجىسورى :
ئاساسلىق رولچىلار :
فىلىم تۈرى :
دۆلەت تەۋەلىكى :
فىلىم تىلى :
ئۇيغۇرچە
قويۇلغان ۋاقتى :
2000 - يىلى (دۆلىتىمىزنىڭ)
دوۋبەن ID نومۇرى :
دوۋبەن نومۇرى تەمىنلەنمەپتۇ،ئىنگىلىزچە ئىسمى ئارقىلىق ئىزدەڭ ياكى بۇيەرنى بېسىڭ

Chingiz Khan

باھا نومۇرى :
10.0
فىلىم تەپسىلاتى :
بىر ئەۋلاد تەڭرىقۇت چىڭگىزخان جۇڭگو ۋە چەت ئەلگە داڭلىق موڭغۇل ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قەھرىمانى، شۇنداقلا مىلادىيدىن كېيىنكى ئىككىنچى مىڭ يىللىق ئەڭ ئۇلۇغ شەخسلەرنىڭ بىرى. بۇ تىياتىردا چىڭگىزخاننىڭ ھاياتى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇرۇلغان:12-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، جۇڭگونىڭ شىمالى جىن سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. قۇملۇقنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى يايلاقنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى يەنە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇپ، بىر-بىرىگە بېقىنمايدۇ. جىن سۇلالىسى ئەمەلىيەتتە« بۆلۈپ ئىدارە قىلىش» ۋە قىرغىنچىلىق، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشتىن ئىبارەت« نوپۇس كېمەيتىش» سىياسىتىنى يۈرگۈزگەندە، موڭغۇل قەبىلىسىنىڭ باشلىقى مەنباخەينى جىن شىزۇڭ ياغاچ ئېشەككە رەھىمسىزلەرچە مىخلاپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. دەل مۇشۇ نەچچە ئەۋلاد ئۆچمەنلىك يايلاقنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئۇزاق مۇددەت ئۇرۇش قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇرۇشنى ئاساسىي تۇرمۇش مەزمۇنى قىلغان بىر ئەۋلاد تەڭرىقۇتنى بارلىققا كەلتۈردى.12-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە، چىڭگىزخان ئۆزىنىڭ مەشھۇر سىياسىي تەدبىرى ۋە توغرا ئىستراتېگىيە، تاكتىكىسى ئارقىلىق موڭغۇل يايلىقىنىڭ چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ كېتىش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىپ، موڭغۇللارنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرغان. 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئۇ يەنە قانلىق قىساس ئېلىش نامى بىلەن 100 مىڭ موڭغۇل چەۋەندازنى باشلاپ، جىن سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا پايتەختى (ھازىرقى بېيجىڭ) غا يېتىپ كەلگەن، جەڭگە ئادەتلەنگەن جۇرجىتلار بىر پەشۋاغا يارىماي، ناھايىتى تېزلا ئىشغال قىلىنغان. كېيىن دەل-دەرەخلەردىكى پۇقرالار توپىلاڭ كۆتۈرگەنلىكتىن، چىڭگىزخان ئاساسىي كۈچىنى باشلاپ موڭغۇل دالاسىغا قايتىپ كەلگەن؛ يەنە غەربتىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ چېگرا سانغۇنى 500 گە يېقىن سودا كارۋىنىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ پادىشاھى يەنە موڭغۇل باش ئەلچىسىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، چىڭگىزخان غەربكە يۈرۈش قىلىشقا مەجبۇر بولغان. موڭغۇل تۆمۈر ئاتلىق ئەسكەرلىرى نەچچە قوشۇن ئۇرۇشتا تىرىپىرەن بولۇپ كەتتى، قانچىلىغان بەگ ـ تۆرىلەر ئارقا ـ ئارقىدىن يەرگە چۈشتى: جاھانغا پاتماي قالغان غەرب رەقىبلىرى يوقىتىلدى، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق رايونى كەسكىن تالىشىدىغان جەڭ مەيدانىغا ئايلاندى. چىڭگىزخان ئۆلۈش ئالدىدا يەنە تاڭغۇت خانلىرىنى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇرلىغان ھەمدە جىن سۇلالىسىنى يوقىتىش، شيا سۇلالىسىنى يوقىتىش ۋە ھاكىمىيەتنى قانداق مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئۈچ ۋەسىيەتنى قالدۇرغان. جۇڭگونىڭ شىمالىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، پۈتۈن مەملىكەتنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئاساس سالدى. بىز جۇڭگو خەلقى چىڭگىزخاننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تۆھپىسىگە باھا بېرىشكە ئەڭ ھوقۇقلۇق! [ بولدى ]
ئاساسلىق ئارتىسلار :

مۇناسىۋەتلىك فىلىملەر

2000 كىنولار
تولۇق قىسمى
2000 كىنولار
تولۇق قىسمى
2000 كىنولار
تولۇق قىسمى
2000 كىنولار
تولۇق قىسمى
2000 قىسىملىق
12 -قىسمىغىچە يېڭىلاندى
2000 كىنولار
تولۇق قىسمى

ئەڭ ئالقىشلىق فىلىملەر

تېخىمۇ كۆپ
2011 كىنولار
تولۇق قىسمى
2022 كىنولار
تولۇق قىسمى
2022 كىنولار
تولۇق قىسمى
2021 كىنولار
تولۇق قىسمى
2023 كىنولار
تولۇق قىسمى
2023 كىنولار
تولۇق قىسمى
2023 كىنولار
تولۇق قىسمى
2019 كىنولار
تولۇق قىسمى

京ICP备2021033142号-1

SINQI.TOP © 2021. All rights reserved.

ئۈستىگە قايتىش
كۈندۈز
سۆز قالدۇرۇش
توپلام