بۇ ھېكايە يىراق غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، خەن يۈەندى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، بۈيۈك خەن سۇلالىسىنىڭ زېمىنى ئۇلۇغ بوۋىسى خەن ۋۇدىنىڭ يىلمۇيىل جازا يۈرۈشى قىلىشى بىلەن غەربىي يۇرتقا كېڭەيگەن. بۇ چاغدا غەربىي يۇرتنى ساقلاۋاتقان باش قورۇقچىبەگ خوئەن (چېڭلۇڭ) ئۆزىنى ساماۋى سۇلالە سالاھىيىتىدە كۆرسەتمىدى، ئۇ دوستانە، باراۋەر ئۇسۇل بىلەن غەربىي يۇرتتىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، تېخىمۇ ئۆزگىچە ئۇسۇل بىلەن مىللەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، قورال كۈچىگە تايىنىپلا يەتكىلى بولمايدىغان تىنچ كاتتا مەنزىرىنى قولغا كەلتۈردى. كىم بىلسۇن، خوئەن باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، قاغجىراپ كەتكەنىكەن. دەل مۇشۇ چاغدا، ئۇ يىراق رىم ئىمپېرىيەسىدىن قېچىپ بۇ يەرگە كەلگەن كىچىك شاھزادە ۋە ئۇنىڭ مۇھاپىزەتچىسى لۇكۇس (جون كۇساك John Cusak) قا دۇچ كەلدى، دەسلەپكى ئۇقۇشماسلىقتىن كېيىن، خوئەن بىلەن لۇكۇس ئىككى قەھرىمان دۈشمەننى دوستقا ئايلاندۇردى.ئەمما كىرىزىس سەۋەبىدىن، پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋالماقچى بولغان رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ بۈيۈك شاھزادىسى تىبىس (ئادرىئان براۋدى Adrien Brody) 100 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇننى باشلاپ چېگراغا باستۇرۇپ كەلدى، شەرق ۋە غەربتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىمپېرىيەدە مىسلى كۆرۈلمىگەن سوقۇلۇش يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرماقتا...
[ بولدى ]