سوتتا، 12 ياشلىق بالا زەنئېن سوتچىغا ئۆز ئاتا-ئانىسىنى ئەرز قىلدى، سەۋەبى، ئۇلار ئۇنىڭغا ھاياتلىق ئاتا قىلدى. قانداق كەچۈرمىش بىر بالىنىڭ بۇنداق ئەقىلگە سىغمايدىغان ھەرىكەت قىلىشىغا سەۋەب بولدى؟ ھېكايىدە، زەنئېننىڭ ئاتا-ئانىسى بېقىش ۋە تەربىيەلەشكە قۇربى يەتمىگەن ئەھۋالدىمۇ يەنىلا توختىماي پەرزەنت كۆرۈپ، چوڭ ئوغلى زەنئېن بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاجىز مۈرىسىدە سانسىزلىغان تۇرمۇشنىڭ ئېغىر بېسىمىنى زىممىسىگە ئالغان. سىڭلىسى ھۆپىگەرلەرگە مەجبۇرىي سېتىۋېتىلگەندە، زەنئېن غەزەپلىنىپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ، كېيىن قانۇنلۇق سالاھىيىتى يوق بىر جۈپ ئانا ـ بالا بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، بىر ـ بىرىنى يۆلەپ زورمۇزور تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئەمما، تۇرمۇش ئۇنىڭغا ئىلتىپات قىلمىدى، ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئۇنى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇر قىلدى....
[ بولدى ]